پەرھات تۇرسۇننىڭ قىسمىتى يەنە بىر قېتىم ئەسكە ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.02.06

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەركىتىدە ئۇيغۇر سەرخىللىرى كۆپلەپ قولغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە شائىر پەرھات تۇرسۇنمۇ 2018-يىلى يانۋاردىن بۇيان لاگېرغا قامالغان ئىدى.

5-فېۋرال كۈنى پەرھات تۇرسۇننىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرشۇناس، دوكتۇر دەررېن بايلېر پەرھات تۇرسۇن ھەققىدە يەنە بىر پارچە ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىدا ئۆزىنىڭ پەرھات ھەمدە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن تونۇشۇش جەريانىنى ئەسلىگەچ، ئۇنىڭ نۆۋەتتە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن تۆت يۈز نەچچە ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ھەسرەت بىلەن تەكىتلەيدۇ. 

دەررېن بايلېر يېقىندا قازاقىستاندىكى بىر قىسىم لاگېر شاھىدلىرىنى زىيارەت قىلىشى جەريانىدا بۇ خىلدىكى زىيالىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك «تەربىلەيەش» تىن كېيىن ئۇزۇن مۇۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ «قارىغاندا، پەرھاتقا بېرىلگەن 16 يىللىق قاماق جازاسىمۇ شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ. ئۇ 67 يېشىدا تۈرمىدىن چىققاندا دۇنيا ئۇنىڭ تېخى پۈتتۈرۈپ بولالمىغان بەش پارچە ئەسىرىدىن بىخەۋەر قالىدۇ،» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.