خىتاي خەلقئارانىڭ تەنقىدى نەتىجىسىدە پىل چىشى ئىمپورت قىلىشنى ۋاقىتلىق چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.02.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


خەلقئارانىڭ پىل چىشى سودىسى مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىشى نەتىجىسىدە، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن پىل چىشى ئىمپورت قىلىشنى ۋاقىتلىق چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىستىمالچىلىرىنىڭ پىل چىشىغا بولغان يۇقىرى تەلىپى ئافرىقا ئورمانلىرىدا پىللارنىڭ قالايمىقان ۋە ۋەھشىيلەرچە ئوۋلىنىشىغا سەۋەب بولغان. خەلقئارا ئورگانلار ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، بىر قانچە يىلغا قالمايلا ئافرىقىدا پىلنىڭ نەسىلى قۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

تېخى يېقىندا، مەركىزى ئەنگىلىيىدىكى «مۇھىت تەكشۈرۈش ئورگىنى» EIA تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، تانزانىيىدىكى پىل قىرغىنچىلىقىغا خىتاي ئىستىمالچىلارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي تىجارەتچىلەر تانزانىيىگە كەلگەندە پىل چىشى باھاسىنىڭ ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار دوكلاتىدا، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تانزانىيىگە زىيارەتكە كەلگەن ئۆمەكنىڭ كەتكۈچە تەلۋىلەرچە پىل چىشى سېتىۋېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ئورگاننىڭ سۆزىنى رەت قىلغان ئىدى.

مۇتەخەسىسىلەر، خىتاينىڭ پىل چىشى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى نەتىجىسىدە، ئافرىقىدىكى پىللارنى قالايمىقان ئوۋلاشنىڭ ئازىيىشىنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.