2012 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قاتتىق يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم.

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-12-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەش، بىر بالىلىق بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىكرى ئۇلغايغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىپ يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم.

يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «پىلانلىق تۇغۇت ساھەسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يىغىنى» دا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى كېڭەيتىپ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 3 مىليارد يۈەن ئاجراتقان.

بۇ جەرياندا، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ساھەسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا ھەرىكەتچان داۋالاش ئاپتوموبىلى، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇش ۋە باشقا ئاساسىي قۇرۇلۇش تۇرلىرىدىن جەمئىي 3 مىڭ 524 نى ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ھەرىكەتچان داۋالاش ئاپتوموبىللىرىنى يېزا - قىشلاقلاردا ئۇيغۇر دېھقان ئاياللىرىنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈشكە ئىشلەتكەن. بۇ تازىلىقى ناچار، ئۈسكۈنىلىرى ئىپتىدائىي ئاتالمىش داۋالاش ئاپتوموبىللىرى نۇرغۇنلىغان ئاياللارنى ھەرخىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلغان.

يىغىندا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە بولغان تونۇشنى يەنە ئۆستۈرۈش، قانۇن - تۈزۈملەرنى ئىگىلەش ۋە مۇھىم نۇقتىنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2010 - يىلدىكى «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن 19 خىتاي ئۆلكە - شەھەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. بۇ ئاتالمىش ياردەمچىلەر ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرى ۋە يەر - زېمىنلارنى ئىگىلەش قەدىمىنى جىددىي كېڭەيتىپ، رايوننىڭ ئېكولوگىيىسى ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھايات يولىغان ئېغىر تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

ئەمما، شۇنداقتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر سىياسەتنى ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق قىلىپ كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت