مايك پومپېيو ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-01-11
Share
مايك پومپېيو ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تاراتقۇلارغا سۆز قىلدى. 2020-يىلى 24-نويابىر، ۋاشىنگتون.
REUTERS

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 11-يانۋار كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىزمىتى جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

پومپېيو بۇ سۆزلەرنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى، «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ۋەزىپىسى، ئۇنىڭ خىتاي، ئىرانغا ئوخشاش دىكتاتۇر دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ئاۋازىنى نامايان قىلىش جەھەتتىكى رولى توغرىسىدا «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردىكى باشقا رادىيولارغىمۇ ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. دۇنيادىكى ئۇيغۇر تىلىدا بېرىلىدىغان بىردىن-بىر ئاڭلىتىش ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ قارمىقىدا تارقىتىلىدۇ. سىلەر ئاڭلاشنى خالايدىغان بارلىق كىشىلەرگە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئۆز پۇقرالىرىغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان ۋەھشىلىكلىرىنى ئاڭلاتتىڭلار. ئەلۋەتتە بۇ ھەقىقەتنى، بۇ ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغانلارمۇ بولدى. خىتاي كومپارتىيەسى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئاز دېگەندە 6 نەپەر مۇخبىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى شىنجاڭدىكى لاگېرلارغا قاماپ تەھدىت سالغان ۋە تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق سىلەر ئۆز خىزمىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىڭلار. خىزمىتىڭلار جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ.»

پومپېيو ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى مۇئەيەنلەشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن خىزمەتچىلەرنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغانلىقى، بىر مەزگىل ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ، خەۋەرلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ كەمچىللىكلىرىگىلا مەركەزلىشىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ: «سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار دۇنيادا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە ئامېرىكا قىممەت قارىشىنى ئالغا سۈرۈشتۇر،» دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت