مايك پومپېيو بىلەن ياڭ جيېچى ھاۋايدىكى ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.06.18

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ياڭ جيېچى 17-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھاۋاي شتاتىدا ئۇچراشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلغان. يىغىندا تەرەپلەر يۇقىرىقى مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى تەكىتلەپ، ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلالمىغان. بۇ ئىككى تەرەپ تاشقى ئىشلار مەسئۇللىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشىدۇر.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەت ھاۋاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:00 دا باشلىنىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 3:50 گىچە داۋام قىلغان. سۆھبەتتە پومپېيو ئىككى تەرەپنىڭ «سودا، بىخەتەرلىك، دىپلوماتىيە جەھەتلەردە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىشى»، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇملىرىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياڭ جيېچى خىتاينىڭ «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى پوزىتسىيەسى شۇنداقلا تەيۋەن، خوڭكوڭ، شىنجاڭ قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەردىكى مەيدانى» نى ئىپادىلىگەن.

ئۇ «شىنجاڭ مەسىلىسى» دە خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان سۆزلىرىنى تەكرارلىغان. ياڭ جيېچى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا قانۇن بويىچە تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە زور بۇرۇلۇش ياسىغانلىقى»، «ئامېرىكانىڭ ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لاھىيەسى› نى ئىمزالىشىغا قاتتىق نارازى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن ياڭ جيېچى پومپېيو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان مەزگىلدە پرېزىدېنت ترامپ قانۇن لاھىيەسىگە ئىمزا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.