خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مايك پومپېيونى «شىنجاڭ» دا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 16-ئىيۇل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى «شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇش» قا تەكلىپ قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، مايك پومپېيو «شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ»، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئۆزى كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشى كېرەك ئىكەن. خۇا چۈنيىڭ بۇ سۆزلەرنى 16-ئىيۇل تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ چېن چۈەنگو قاتارلىق 4 ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. مايك پومپېيو ئىمبارگونىڭ بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى بىلدۈرگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 3-4 يىل ئىچىدە 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، مىڭلىغان كىشىنىڭ غايىب بولغانلىقى، يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ كارخانىلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ يېتىمخانا ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەردە ياتقۇزۇلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇشىنى كونترول قىلىپ، نوپۇسىنىڭ شىددەتلىك ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى رەت قىلىپ كەلگەنىدى.

خۇا چۈنيىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشى خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا دەرھال ئېنىقلىما بېرىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە مايك پومپېيونى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. خۇا چۈنيىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، مايك پومپېيو «شىنجاڭ» نى زىيارەت قىلسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىن دوست تېپىشىغىمۇ ياردەم قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېيتنى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان، لېكىن ئۇنىڭغا شەرت قويغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت