ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي تەھدىتىگە قارشى تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2020.09.02
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 2-سېنتەبىر سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىدىن كېلىۋاتقان تەھدىت ھەققىدە توختالدى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مايك پومپېيو سۆزىدە خىتاينى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئامېرىكىغا قانداق مۇئامىلە قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭغا ماس ھالدا ئىنكاس قاتۇرىدىغان يولغا سېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى چەت ئەللىك دىپلوماتلارنىڭ ئامېرىكادىكى پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ئامېرىكادىكى ئالىي مەكتەپلەر، تاراتقۇلار ۋە ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، ئامېرىكالىق دىپلوماتلارنىڭ نورمال ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىدىمۇ خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۇچرىشىشىغا يول قويمايۋاتىدۇ.»
مايك پومپېيو يەنە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن شۇنى جاكارلايمەنكى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت ئالىدىغان مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقتى. كېيىنكى قەدەمدە بىز بارلىق خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىمىز.»
مايك پومپېيو سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يېقىندا ھۆكۈمەتكە مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق، ئىلمىي ئەركىنلىككە تەھدىت سالغانلىقى، ئالىي مەكتەپلەرگە ئىئانە قىلغان پۇلىدا قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ بارلىقى، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت سالغانلىقى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىغانلىقى دېگەندەك قىلمىشلارنى مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىگە قويۇلىدىغان جازا تەدبىرلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكىدە كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش، ھەربىي سودا ۋە باشقا جىنايەتلەرگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرى بار. خىتاينىڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىكى قىلمىشىمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتتى. بىز خىتايدىكى بەزى شىركەت ۋە شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەيمىز».
مايك پومپېيو سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.