مايك پومپېيو: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى 21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 18-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە «زامانىمىزدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە خىتاي ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى بىز ياشاۋاتقان 21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن بىر داغ» دەپ كۆرسەتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مايك پومپيېو ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېچىلغان «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئالغا سۈرۈش خەلقئارا يىغىنى» مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى يىغىنغا بارماسلىققا قىستىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان.

خەۋەردە مايك پومپېيونىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن 17-ئىيۇل كۈنى ئاق سارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ئاق ساراينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا مەسئۇل بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت