ئىجتىھاتلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور راھىلە داۋۇت ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىجتىھاتلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدىن بېرى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى. «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 10‏-ئاۋغۇست تارقاتقان خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، راھىلە داۋۇتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن دوستلىرى ئۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتقۇن قىلىنغان، دەپ قارايدىكەن. پروفېسسور راھىلە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مازار ۋە فولكلور ساھەسىدە خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ساھەدە نۇرغۇن تەتقىقات دوكلاتى، ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇنىڭ «مازار تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇرلاردىكى مازارلارغا دائىر نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنىڭ بىرى ئىدى.

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېيجىڭغا بارىدىغانلىقى ئېيتىپ، ئالدىراش چىقىپ كەتكەندىن بېرى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 1‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى، زىيالىيلىرىنى، تەتقىقاتچىلىرىنى، سەنئەتكار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلارغا قاماشقا ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشقا باشلىغاندا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى. «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلىرى ئۇ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ 8 ئايدىن كېيىن تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان. خەۋەردە، «چۈنكى، سۈكۈت قىلىش بىلەن ئۇنىڭ تەربىيىلەش لاگېرى، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ياكى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقى ئېنىق بولدى» دېيىلگەن. خەۋەردە يەنە، ئامېرىكىدىكى لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى رايان سامنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ دېمەك «ھازىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت خاسلىقىنىڭ ھەممە ئالامىتى خەتەرلىك بولۇپ قالغان. بۇنىڭغا راھىلە داۋۇتنىڭ غايىب بولۇشىدىن كۈچلۈك دەلىل يوق» دېگەن. 

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرى ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى خىتاينىڭ ئايرىمىچىلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان دەل شۇ كۈنى ئېلان قىلىندى. ب د ت نىڭ يىغىنىدا، ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى خىتاينىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى سىياسىي تەربىيەلەشكە يىغىۋېلىپ، ئىدىيە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت