پۇتىن ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا كىرىشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.08.10

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 9 - ئاۋغۇست كۈنى كاۋكازىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان بىر - بىرىنى رەقىپ ھېسابلاپ كېلىۋاتقان ئىككى مەملىكەت ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيېف، ئەرمىنىيە پرېزىدېنتى سېرجى ساركىسىيان بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئىككى جۇمھۇرىيەت ئارىسىدا تالاش - تارتىش ئۈستىدە تۇرىۋاتقان تاغلىق قارا باغ مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10 - ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيە - ئەزەربەيجان ۋە ئەرمەنىيەدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈشى پلان قىلىنغان.

تاغلىق قاراباغ، ياكى ناگورنىي قاراباغ ئەسلىدە ئەزەربەيجانغا تەۋە ئەرمەنلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان بىر ئاپتونوم ئوبلاست بولۇپ، 1989 - يىلى، تاغلىق قاراباغ زىددىيىتى كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى. 1991 - يىلى، ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولغاندا، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى تاغلىق قاراباغ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئەرمەنلەر مۇستەقىللىق جاكارلاپ، تاغلىق قاراباغ جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش پارتلاپ، تاغلىق قارابغ جۇمھۇرىيىتىنى ئەرمىنىيە قوللىغان.

1991 - 1994 - يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا كۆپ ئادەم ئۆلگەن ئىدى. تاغلىق قارا باغ جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىكى ھېچقايسى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنمىغان بولۇپ، پەقەر رۇسىيەنىڭ ياردىمىدە گرۇزيەدىن مۇستەقىل بولغان جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيە تەرىپىدىنلا ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى.

تاغلىق قاراباغ توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى، تۈركىيە ئارىلىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە تەرەپ ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتمىغان.

ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن غەرب بىلەن رۇسىيەنىڭ زىددىيىتى ئوتكۈرلىشىۋاتقان پەيتتە پۇتىننىڭ ئەزەربەيجان ۋە ئەرمىنىيە ئارىسىدا تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى بويىچە مەيدانغا چىقىشى دىققەت قوزغىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.