پۇتىن رۇسىيەنىڭ يېتىم قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-11-23
Share


ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 23 - نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ تاسس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا غەربنى تەنقىد قىلىپ، تۆمۈر پەردىنىڭ كۈچىنى چۈشىنىدىغانلىقى، ئەمما رۇسىيەنىڭ ھەرگىزمۇ دۇنيادىن ئايرىپ تاشلىنىش يولىغا ماڭمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، شەنبە كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەگە قارىتا ئىمبارگو قويۇش ئارقىلىق رۇسىيە ھاكىمىيىتىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

لاۋروۋ غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەپ، ئىمبارگو قويۇش ئارقىلىق رۇسىيە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىش ۋە خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىماقچى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پۇتىن بولسا رۇسىيەنىڭ رەڭلىك ئىنقىلابتىن مۇداپىئە كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پۇتىن سۆزىدە يەنە رۇسىيەگە قارىتىلغان، يەنى پۇتىننىڭ «دوستلىرى»غا قارىتىلغان ئىمبارگولار مەسىلىسىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوپاللىق بىلەن بۇزۇش» دەپ كۆرسەتكەن.

رۇسىيە قىرىمنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرغان شۇنىڭدەك يەنە شەرقىي ئۇكرائىنادىمۇ قىرىم كىرىزىسىنىڭ تەكرارلانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. غەرب يەنە رۇسىيەدىن ئۇكرائىناغق قارىتا بېسىمنى توختىتىشنى ۋە بۆلگۈنچىلەرنى قوللىماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ئەمما رۇسىيە بۇ مەسىلىدە غەرب بىلەن ئىزچىل زىتلىشىپ كەلمەكتە ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت