پۇتىن موسكۋادا ئىككى يىغىن ئېچىش ئالدىدا تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.12.20


21 - دېكابىر كۈنى موسكۋا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ۋە ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

رۇسىيەنىڭ «مۇستەقىللىق» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن 21 - دېكابىر يەنى دۈشەنبە كۈنى موسكۋادا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى شۇنىڭدەك يەنە ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى چاقىرىدۇ.

كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى موسكۋادا ئۇچرىشىپ، دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خەلقارالىق بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى قارارلىرى ھەم باشقىلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

«ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەرلىرى»تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئەما مەلى راخمان يەكشەنبە يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا يېتىپ كەلگەن.

رۇسىيەنىڭ «سودىگەر» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، بۇ كۈنى موسكۋا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىرىمۇ يىغىن ئۆتكۈزۈپ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن.

كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا رۇسىيە، ئەرمىنىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئەزا بولۇپ، پۇتىن مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يەنە ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدۇ.

«مۇستەقىللىق»گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىغا مەزكۇر ئىتتىپاققا ئەزا رۇسىيە، ئەرمىنىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىرى قاتنىشىدۇ. يىغىندا مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ بىر يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ خۇلاسىسى چىقىرىلىدىكەن ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات، كېلەر يىللىق خامچوت ۋە باشقىلار مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.