سابىق بوسنىيە رەھبىرى رادوۋان كارادىچ 40 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى
2016.03.24
ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بوسنىيەنىڭ سېرب مىللىتىدىن بولغان سابىق رەھبىرى رادوۋان كارادىچ 1992 - يىلىدىن 1995 - يىلىغىچە داۋام قىلغان بوسنىيە ئۇرۇشىدا سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايىتى ۋە قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن بۈگۈن گوللاندىيەنىڭ گائاگا شەھىرىدىكى ب د ت سوتى تەرىپىدىن قىرىق يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
كارادىچ بۇ يىل 70 ياش بولۇپ، سابىق يۇگوسلاۋىيە دۆلىتىنىڭ ھالاكىتىگە چېتىلىپ سوتلانغانلار ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ھېسابلىنىدۇ. سوتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كارادىچ ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى ئېتىراپ قىلمىغان ھەمدە ئۇرۇش مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئايرىم شەخسلەرنىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ھېچقاچان ئۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ باقمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بوسنىيە سېرب جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى مىلوراد دودىك سوتنى ئەيىبلىدى ھەمدە «غەرب دۇنياسى ھەرقاچان سېرب خەلقىگە گۇناھ ئارتىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلمەكتە» دېدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كارادىچ نارازىلىق ئەرزى سۇنماقچى بولۇۋېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن سوتنىڭ يەنە بىرنەچچە يىل داۋام قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.









