ئۇيغۇر رايونىدا تارقىتىلغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ 26 خىل ئىپادىسى ناملىق» ھۆججەت تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-09-02
Share

ئۇيغۇر رايونىدا 2011 - يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلىپ ۋە ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ 26 خىل ئىپادىسى» ناملىق ھۆججەت ئامېرىكىدا چىقىدىغان جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ھەپتىلىك جۇرنىلىدا مۇلاھىزە قىلىنىپ تەنقىدكە ئۇچرىدى.

بۇ ھەقتىكى ماقالىدە، 26 خىل ئىپادە بىر - بىرلەپ تىلغا ئېلىنىپ ئۇلارنىڭ ھىچقايسىنىڭ ئەسلىدە قانۇنسىز ھەرىكەتلەر ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دىننىڭمۇ خۇددى سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن ساھەلىرىگە ئوخشاش، مۇستەقىل بىر ساھە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پائالىيەت ۋە قائىدە - پىرىنسىپلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ قولى تىقىلماسلىقى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. ماقالىدە يەنە ئەگەر دىنىي پائالىيەتلەرگە ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى ھەقىقەتەن جىددىي زۆرۈر دەپ قارالسا، ئەڭ بولمىغاندا بۇ قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنىڭ ئۆلچىمىنى قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار ئەمەس، بەلكى قانۇننى تۈزگۈچى ئورگانلار بېكىتىشى كېرەك دېيىلگەن. ماقالىدە بۇ سۆزلەردىن كېيىن مەزكۇر 26 خىل ئۆلچەمنىڭ، ئۇيغۇر رايونلۇق بىرلىكسەپ، دىنىي ئىشلار ۋە ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغانلىقى، ئۇنىڭ مەيلى دۆلەتلىك، مەيلى يەرلىك ھەرقانداق بىر خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرىگە قويۇلمىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، يۇقىرقى ئۈچ ئورگاننىڭ مەزكۇر 26 خىل ئالامەتنى قانۇنسىز دەپ بېكىتىشنىڭ ئۆزى بىر قانۇنسىزلىق دەپ تەنقىدلەنگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت