خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى جاڭ كەينى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى پىلانلاش» بىلەن ئەيىبلىگەن
2016.02.25
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى جاڭ كەينى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى» دەپ ئەيىبلىگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاڭ كەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېركاۋلارغا قىلىۋاتقان تەقىبى ۋە كرېست بەلگىلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېتىش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغان شەخس بولۇپ، ئۇ، بۇ سەۋەبلىك ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ئۇ خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرى ئەڭ كۆپ جاي ھېسابلىنىدىغان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنغان.
بۈگۈن جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي تور بېتى جاڭ كەي ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر تارقىتىپ، ئۇنى «چەتئەلنىڭ تەلىماتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاممىنى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈشكۈرتكەن» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنى «قانۇنىسز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى» دېگەن. ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەتلەر ئىچىدە يەنە «ئاممىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش» مۇ بار ئىكەن. جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدىكى خەۋىرىدە يەنە، جاڭ كەينىڭ ئۆز جىنايىتىنى بوينىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ : «مەن دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزدۇم. مەن بارلىق ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى مەندىن ساۋاق ئېلىپ، چەتئەللىكلەر بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا، چەتئەل ئورگانلىرىدىن پۇل ئالماسلىققا ھەم شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىققا چاقىرىمەن.» دەپ ئىقرارنامە يازغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئالغان ئىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باشلىقى زېيىد ئەل ھۈسەيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى شەرتسىز ھالدا قويۇۋېتىشكە چاقىرغان ئىدى.









