خىتاي دائىرىلىرى «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان» دېگەن سەۋەب بىلەن 12 ئادەمنى جازاغا تارتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.10.01

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇچۇر ئىشخانىسى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان» دېگەن سەۋەب بىلەن جازاغا تارتىلغان 10 تىپىك دېلونى ئېلان قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق 12 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تەڭرى تاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان بۇ 12 كىشى ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، خوتەن، بورتالا، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن بولۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ 6 نەپىرى ئۇيغۇر، بىر نەپىرى قازاق، ئىككى نەپىرى تۇڭگان، بىرى دوڭشاڭ، ئىككىسى خىتاي ئىكەن.

بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى «بىخەتەرلىك»، «تېررورلۇق»، «تور بىخەتەرلىكى»، «ئۇچۇر ۋە ئامانلىق باشقۇرۇش» قانۇن -نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان 17‏-تۈركۈمدىكى تىپىك 10 دېلودۇر.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە بۇ كىشىلەرنىڭ مىللىتى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن سادىر قىلغان ئاتالمىش كونكرېت «قىلمىشى» ۋە ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان. مەزكۇر ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇلار بۇ يىل 8‏- ۋە 9 ‏-ئاي ئىچىدە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئەڭ چوڭى 40 ياشتا، ئەڭ كىچىكى 20 ياشتا ئىكەن.

خەۋەردە، بۇ كىشىلەرنىڭ تور قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا «زوراۋان، تېررورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىغۋا ۋە ساختا مەزمۇندىكى خەت، سىن ۋە رەسىم قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان ۋە تارقاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى تىپىك 10 دېلونى بىر مىليوندەك ئۇيغۇر قانۇنى رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىغان، ئۇلارغا لاگېرلاردا كوللېكتىپ قاماق جازاسى بېرىۋاتقان ۋە شۇنداقلا بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ ھەرىكىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقىنى قوزغاپ، خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ كەلدى.


«تەڭرى تاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يۇقىرى تۇتقۇنلاردىن 4 ئۇيغۇر، ئىككى تۇڭگان، بىر دوڭشاڭ ۋە بىر قازاق جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان. قالغان 2 خىتاي بىلەن 2 ئۇيغۇرغا مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.