خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قارا گۇرۇھلارنى تازىلاش» نامىدا «بۆلگۈنچى» لەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-02-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان پارىخورلۇق ۋە «قارا گۇرۇھلار» غا قاتتىق زەربە بېرىش ھەققىدىكى يېپىق يىغىندىن كېيىن، پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا «كومپارتىيە نوپۇزىغا خىرىس پەيدا قىلغۇچى قارا گۇرۇھلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش» شامىلى كۆتۈرۈلگەن. ئەمما بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ۋە تىبەت رايونىدا كۆپىنچە «مۇستەقىللىق خاھىشىدىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار» ۋە «دالاي گۇرۇھى» نىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«جەنۇبىي خىتاي سەھىرى گېزىتى» نىڭ 20-فېۋرال سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر بۇ يېڭى ھەرىكەتنى قايسى شەكىلدە قانات يايدۇرۇش ھەققىدە جىددىي باش قاتۇرماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ 29-يانۋاردىكى تېلېۋىزىيە يىغىنىدا ئۈرۈمچىدىكى خىتاي دائىرىلىرى «بۆلگۈنچى كۈچلەر» نىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئاساسلىق باستۇرۇش نىشانى بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك تەشكىللىك جىنايەت قىلمىشلىرىغا «قىلچىمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا بولسا بۇ ھەقتە مەخسۇس باش ماقالە ئېلان قىلىنىپ، «تىغ ئۇچىنى خەلق ئاممىسىنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراۋاتقان قارا گۇرۇھلارغا، بولۇپمۇ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارىتىشىمىز لازىم» دېيىلگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىبەت رايونىدا ئۆتكەن ھەپتە «قارا گۇرۇھلارنى تازىلاش» ھەرىكىتى باشلىنىپ ئەڭ دەسلەپ زەربىگە ئۇچرىغانلار دالاي لامانىڭ «ئوتتۇرا يول» نەزەرىيەسىنى قوللىغۇچىلار بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نەزەرىيەدە تىبەت رايونى داۋاملىق ھالدا خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇش، ئەمما تىبەتلىكلەرگە يۈكسەك ئاپتونومىيە بېرىش ئاساسىي مەزمۇن ھېسابلىنىدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ «ئانا تىلنى قوغداش» ۋە تىبەت مەدەنىيىتىنى قوغداش تەشەببۇسىدا بولغۇچىلار «دالاينىڭ گۇماشتىلىرى» دەپ قارىلىپ، باستۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «قارا گۇرۇھلارنى تازىلاش» شامىلىنى 2009-يىلى چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى بو شىلەي دەسلەپ بولۇپ ئىجرا قىلغان ھەمدە بەش مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغان. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى «پارتىيەنىڭ يۈكسەك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش قەستىدە بولغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن موللاق ئاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت