خىتاينىڭ «قارا كۈچ» لەرگە زەربە بېرىش دولقۇنى گۇمان قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-02-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان مەملىكەت مىقياسىدا 2021-يىلىغا قەدەر «قارا كۈچ» لەرگە، يەنى چوڭ ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش دولقۇنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دىققەت ۋە گۇمانىنى قوزغىدى.

مەزكۇر تەشكىلات بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بۈگۈنكى باياناتىدا خىتاينىڭ ھەر قېتىملىق بۇنداق زەربە بېرىش دولقۇنلىرىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىشكە باھانە ۋە پۇرسەت بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باياناتتا دېيىلىشىچە، ئىلگىرىكى بۇ خىل ھەرىكەتلەر داۋامىدا يەنە خىتاي ئەرزدارلار، تىبەتتە بولسا دالاي لامانى قوللىغۇچىلار زەربە نىشانى بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

مەزكۇر زەربە بېرىش دولقۇنى ھەققىدە چاقىرىق ۋە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىم، ئىلگىرى خىتايدا باشلانغان «شەھۋانىي بۇيۇملارنى چەكلەش ھەرىكىتى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەندە مىللەتپەرۋەرلىك ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىتاب ۋە فىلىملارنىڭ چەكلىنىشىگە قاراپ كېڭەيگەنلىكى، بۇ نۆۋەتتە ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى زەربە بېرىش دولقۇنى» نىڭ ئۇيغۇر سودا كارخانىچىلارنى يىغىشتۇرۇشقا پۇرسەت بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. زۇمرەت خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە «قارا كۈچ» دەپ ئاتالغۇدەك ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر توپىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى قېيىن ئىكەن. ئەمما دائىرىلەر «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تولدۇرۇشتەك سان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئاتالمىش «قارا كۈچ» لەرگە زەربە بېرىش دولقۇنىنى باھانە قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنى خىتاي داۋراڭ سېلىۋاتقان بۇ دولقۇننىڭ ماھىيىتى ۋە تەپسىلاتلىرىغا يېقىندىن دىققەتتە بولۇشنى دەۋەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت