خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتا-ئانىلىرى «لاگېرلارغا» قامالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇتماقتا ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.10.01

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتا -ئانىسى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ قارانچۇقسىز قالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدە ئاتا-ئانىسى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلىپ، قارانچۇقسىز قالغان 2000 دەك بالا بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر بۇ بالىلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن.

خەۋەردە، ئاتا-ئانىسى تۇتقۇن قىلىنىپ بالىلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بۇنداق ئائىلىلەر «قوشماق تۇتقۇن ئائىلىلەر» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نۆۋەتتە لوپ ناھىيەسىدىكى بەزى مەكتەپلەر «قوشماق تۇتقۇن ئائىلىلەر» نىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى «خىتايلاشتۇرىدىغان» ياتاقلىق مەركەزلەرگە ئۆزگەرتىلگەن.

خەۋەردە، لوپ ناھىيەسىدىكى «شىنخۇا مېھرى-شەپقەت يەسلىسى» نىڭ مانا شۇنداق مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، بۇ ئورۇندا 1 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان 150 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىنىڭ تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ناھىيەدىكى «يۈدۇ مېھرى-شەپقەت مەكتىپى» دە 3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان 500 دىن ئارتۇق بالا بار ئىكەن. خەۋەردە يەنە بۇ مەكتەپلەرنىڭ سىرتقا پۈتۈنلەي تاقاق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تام، ئىشىك ۋە دەرۋازىلىرىنىڭ تۈرمىگە ئوخشاش سىم توسۇقلار بىلەن تورالغانلىقى، بالىلارنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، بالىلار ھەر ئايدا ئاران بىر قېتىم ئاتا-ئانىسى بىلەن ۋىدېيو ئارقىلىق كۆرۈشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، بالىلار ھەر قېتىم ئاتا-ئانىسى كۆرگەندە ئۇلارنى سېغىنىپ يىغا-زارە قىلىشىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بىر مىليوندەك ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان بولۇپ، ئىككى مىليوندەك كىشى ئوچۇق تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە ئۆگىنىشكە قاتناشماقتا ئىكەن.

يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلاردا كەڭ كۆلەملىك سوت ئېچىپ، تۇتقۇنلارغا تۈركۈم- تۈركۈملەپ جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىۋاتقانلىقى، كېسىلگەنلەرنى پويىز ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

رادىيومىز ئۆتكەن ھەپتە قەشقەردىكى بىر لاگېردىن 2000 دەك ئۇيغۇرنىڭ پويىز ئارقىلىق ئىچكىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.