قاراقاش ناھىيەسىدە بايراق چىقىرىشقا 3 قېتىم قاتناشمىغانلارنىڭ لاگېرغا يوللىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

21‏-ئۆكتەبىر، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بايراق چىقىرىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە قائىدىلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ھۆججىتى چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

ھۆجەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ھەرقانداق بىر پۇقرا ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا 3 قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سەۋەبسىز قاتناشمىسا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىدىكەن. مەزكۇر ھۆججەتتە، ھەر قېتىملىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى قانداق ئۆتكۈزۈش، قانداق باشقۇرۇش، پۇقرالارغا قانداق تەلەپلەرنى قويۇش، ھەر قېتىملىق بايراق چىقىرىشتا كىملىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن. ھۆججەتتە قەيت قىلىنىشىچە، بايراق چىقىرىشقا 3 قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قاتناشمىغانلار لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن سىرت، 2 قېتىم سەۋەبسىز قاتناشمىغانلار كەچلىك سىياسىي ئۆگىنىشكە يوللىنىدىكەن، بىر قېتىم سەۋەبسىز قاتناشمىغانلار بولسا كەنت ئامانلىق مۇدىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ، «تەربىيە» بېرىلىدىكەن.

ھۆججەتتە، «ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش شەكلىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ تۇرۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى»، كەنت ۋە ئىجتىمائىي رايونلاردىكى ئاممىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىش نىسبىتى 90 % تىن ئاشقانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويۇپ، مەزكۇر پائالىيەتنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مەۋقەسىنى سىنايدىغان بىر سىياسىي ئۆلچەمگە ئايلاندۇرغان. لېكىن بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار، بۇ مۇراسىمنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان سىياسىي ۋە پىسخلوگىيەلىك بېسىم» ئىكەنلىكى ۋە كەنت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا زور قۇلايسىزلىقلارنى يارىتىپ بېرىۋتاقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى. ھۆجەتتە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق 3384 كەنت ۋە ئىجتىمائىي رايونلاردا بىر تۇتاش تەكشۈرۈش ئىشىكى ۋە كىملىك تونۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، 7 كىشىلىك بايراق قوغداش ئەترىتى تەسىس قىلىنغان. ھەر بىر كەنتتىكى پۇقرالار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپىنى 2 پارتىيە ئەزاسى نازارەت قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت