خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.07.07

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا 23-مايدىن باشلانغان «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن.

خىتاي ساقچى تەرەپ ھازىرغىچە بولغان بىر يېرىم ئايغا يېقىن ۋاقىتتا 40 تىن ئارتۇق ئاتالمىش «تېررورلۇق گۇرۇپپىسى» نى تارمار قىلىپ، 400 دىن ئارتۇق گۇماندارنى تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى «قۇلاق» لار تەمىنلىگەن 400 دىن ئارتۇق يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا يەنە مەزكۇر يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ساقچى تەرەپنىڭ ئون نەچچە ئاتالمىش «تېررورلۇق گۇرۇپپىسى» نى بىتچىت قىلغانلىقى ۋە يۈزدىن ئارتۇق گۇماندارنى تۇتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇندىن باشقا، مەزكۇر خەۋەردە يەنە، بىر تۈركۈم پارتلىتىش ئەسلىھەلىرى، پارتلاتقۇچ دورىلار شۇنىڭدەك «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى تەرغىب قىلىدىغان تەشۋىقات بۇيۇملىرىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.