مۇتەخەسسىس ئادريان زېنز: «‹قايتا تەربىيە› ھەرىكىتى خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ يېيىلىشى مۇمكىن»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.08.08

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىجتىمائىي ئىناۋەت بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ، يەنى ھەر بىر كىشىگە بىخەتەرلىك جەھەتتىن نومۇر قويۇش تۈزۈمىنىڭ پات ئارىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگىمۇ كېڭىيىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئامېرىكىدا چىقىدىغان «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ئايلىق سانىدا «‹قايتا تەربىيە› نىڭ خىتايغا قايتىشى» ناملىق ماقالىسىدە بۇ تۈزۈمنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ بەلگىلىك دائىرىدە ۋە بەلگىلىك مۇددەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ تەسىس قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا يېقىنقى يىللاردا بۇددىزم ۋە تەرىقەتچىلىك قاتارلىق خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى سىڭگەن يەرلىك دىنىي ئەقىدىلىرى ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرگەن، خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ سانى خىتايدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ھال خىتاي كومپارتىيىسىدە جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغان. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىغىنلىرىدا خىتايدىكى يەرلىك دىنىي ئەقىدىلەرنى خىتايچىلاشتۇرۇش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتىكەن. 

ئادريان زېنز يەنە ماقالىسىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىلگىرى ئىقتىسادىي تۇرمۇش يۈكسەلگەنسېرى كىشىلەر دىندىن ئۇزاقلىشىپ ماڭىدۇ دەپ قارىغانلىقىنى، ئەمما رېئاللىقنىڭ ئۇنداق بولمىغانلىقىنى، شۇڭا شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي نۇقتىنى ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

ئۇ خىتايدىكى يەرلىك دىنلارنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىمۇ يوقالمىغانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان لاگېردىكى «سىياسىي تەربىيە» نىڭ ئۇيغۇرلاردا خىتايغا قارىتا ساداقەت يېتىلدۈرگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق بىر ئالامەتنىڭ يوقلۇقىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ماقالىسىدە نومۇرلۇق بىخەتەرلىك تۈزۈمى خىتاي ئۆلكىلىرىدە يولغا قويۇلغان تەقدىردىمۇ خىتاينىڭ كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.