تاجىكىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەرز سۇنۇلدى
2021.06.10
گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ (گائاگا) شەھرىدىكى بىر تۈركۈم ئادۋوكاتلار 10-ئىيۇن كۈنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەش لازىملىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خەلقئارا ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسىنىڭ دەنخاگدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا يوللىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئەرزى ھېسابلىنىدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 10-ئيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئادۋوكاتلار بۇ قېتىم بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ: «تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەكتە. بىزدە بۇنىڭ تولۇق ئىسپاتلىرى مەۋجۇت،» دېگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە ھالدا تاجىكىستاننىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسىدىكى قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2020-يىلى ئىيۇلدا ئۇلار بىر قېتىم خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ كامبودژا ۋە تاجىكىستاندىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. ئەمما شۇ ۋاقىتتا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى «بۇنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىرى تولۇق ئەمەس» دەپ كېچىكتۈرگەن ئىكەن. خەلقئارا ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ قېتىم تاپشۇرغان ئەرزىمىزدىكى دەلىل-ئىسپاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىكىستاندىن مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ،» دېگەن.
يېقىندا لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا خەلقئارالىق ئادۋوكاتلار بىردەك «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.









