گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتمەسلىك ھەققىدە قارار ئالغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيە دائىرىلىرى گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە بىر قارار ئېلان قىلغان.

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ 23-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارغا گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە بىر بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ بۇيرۇقنىڭ قاچان باشقا بىر ئۆزگىرىش بولمىغۇچە بىردەك ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

گېرمانىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ يىل 3-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان 22 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ياشنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن. ۋەقە يېقىندا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن گېرمانىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇنىڭغا بىر ئۇقۇشماسلىقنىڭ، يەنى بېرلىندىن باۋارىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە ئەۋەتىلگەن بىر فاكىسنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ قولىغا تەگمىگەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان ۋاقتىنىڭ دەل بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان، رايوندىكى ئىرقىي تازىلاش ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا ۋە تەنقىدلەرگە سەۋەب بولدى. خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلگەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا مەزكۇر ئۇيغۇر سىياسىي ئىلتىجاچىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ «مۇۋاپىق بولمىغانلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كېچىكىپ چىقارغان بۇ قارارى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 22 ياشلىق بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىز-دېرىكىنى داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت