دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېت خەۋەرلىرى چەتئەللەردىن مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى تونۇشتۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.10.05

دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېت خەۋەرلىرى تور بېتى بۈگۈن چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي ئەپ كېتىلىش مەسىلىسى ھەققىدە بىر پارچە كەڭ كۆلەملىك ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىدىن تەپسىلىي مىساللار بېرىلگەندىن باشقا، ئاۋسترالىيە لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى جەيمىس لېيبولد ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسالار زىيارەت قىلىنغان.

ماقالە ئاپتورى يوجانا شارما ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىش ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، تۈركىيە ۋە مىسىردىن باشقا يەنە، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر قىسىملىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدەك ئەھۋاللارنى تەپسىلىي بايان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەتقىقاتچى جەيمىس لېيبولد خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئىزاھات بېرىپ «خىتاي رادىكال ئىدىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن بىراق بۇ يەردىكى يېڭىلىق بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگىمۇ قولىنى سوزۇپ، ئۆزىنىڭ ئىسلامغا قويغان نورمىسىنى ئوخشاش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدۇر» دېگەن.

خەۋەردە، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزىگە ئاساسەن، ھازىرغىچە مىسىردىن قايتىپ كەتكەن 300 دەك بالىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقى، تۈركىيەدىن قايتىپ كەتكەن 6 بالىنىڭ سەۋەبسىز يەرگە 5-12 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى مىسال كەلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي ئاتموسفېرا تەسۋىرلەنگەن.

جەيمىس لېيبولدنىڭ گېزىتىگە ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدىن بېرى كۆرۈلۈۋاتقان بۇ ۋەزىيەت شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئىرادىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئالاھىدە دىققەت قوزغىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.