ئىلى ئوبلاستىدىكى قازاق دىنى زاتلارمۇ تەقىبلەشلەرگە ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-01-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بەزى جايلىرىدىكى مەسچىتلەردە ئىماملار يوق دېيەرلىك ۋەزىيەت پەيدا بولغان بولۇپ، رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بەزى قازاقلار ئىلى ئوبلاستى تەۋەسىدىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاق دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش، ياكى «ياۋا ئىماملارنى تەربىيىلەش مەركىزىگە يىغىۋېلىنىش» سەۋەبىدىن ھەتتا ۋاپات بولغانلارنىڭ دەپنە مۇراسىملىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان دىنى زات چىقمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن. ئىنكاس بىلدۈرگۈچىلەر يەنە قورغاس ناھىيىسىدىكى بىر تەربىيىلەش مەركىزىگە بىر قانچە مىڭ قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سولانغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ جەنۇبى رايونلاردىكى تەربىيىلەش مەركىزى دەپ نام بېرىلگەن يىغىۋېلىش مەركەزلىرىگە سولانغانلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ قىسىم دىنىي زاتلار، كىشىلەرگە ۋە ئائىلە-ئەزالىرىغا دىنى تەربىيە بەرگەن كىشىلەر بارلىقى ئىلگىرىمۇ رادىئومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ھەتتا دائىرىلەر يەنە دىنى ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىقلارنىڭ ئورۇنىشى، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دىنى تۈس ئالغان سۆز-ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشى، تېلېفونلىرىدا دىنى مەزمۇندىكى سىن ياكى تېكىستلەرنى ساقلىشى، مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشى قاتارلىق تۈرلۈك ئەھۋاللارنى چەكلەش ۋە زەربە بېرىشنى يولغا قويغان ئىدى.

نۆۋەتتە قازاقلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئامما ۋە دىنىي زاتلارنىڭمۇ ئوخشاشلا «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە سولۇنۇۋاتقانلىقى ۋە قازاقلارنىڭمۇ ئوخشاشلا دىنى ئېتىقاد، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردىن تەقىبلەشلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى» كۆپلەپ ئىنكاس قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەسىلىدە ئۆتكەن يىلى بىر قىسىم قازاق پۇقرالىرى ئاستانا ۋە ئالمۇتادا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان ھەم قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت