قازاقىستان لاتىنچىغا كۆچۈشتە تۈرك ھەرپلىرىنى قوللىنىشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.07.30

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف يېقىندا قازاقىستاننىڭ كىرىل يېزىقى، يەنى رۇس يېزىقىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، لاتىن يېزىقى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. نۆۋەتتە، قازاقىستاننىڭ لاتىن يېزىقى قوللانسا، قايسى شەكىلدىكى لاتىن يېزىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىشى مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا قازاقىستان مائارىپ مىنىستىرى ئېرلان ساگادىيېۋ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قازاقىستاندىكى مەخسۇس لاتىن ئېلىپبەسىنى بېكىتىش كومىتېتىنىڭ قازاقلار ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بىر لاتىن ئېلىپبە نۇسخىسىنى بېكىتىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاننىڭ لاتىن ئېلىپبەسى تۈزۈشى ئۈچۈن بىر قانچە خىل ۋارىيانت بار بولۇپ، قازاقلار ئۆزلىرىمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرى ئارىسىدا لاتىن ھەرپى ئىشلەتكەن ئىدى.

موسكۋادا چىقىدىغان «مۇستەقىللىق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «تۈرك ئېلىپبەسى قازاق ئېلىپبەسى بولىدۇ. ئاستانا رۇسىيە ئۇچۇر مەيدانىدىن چىقىپ كېتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، چوڭ ئېھتىماللىق شۇكى، قازاقلار بۇ قېتىم لاتىن ئېلىپبەسى قوللىنىشتا تۈرك ئېلىپبەسىدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس دوسىم ساتپايېۋنىڭ قارىشىچە، گەرچە لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ بىر قانچە خىل نۇسخىلىرى بار بولسىمۇ، ئەمما تۈرك ئېلىپبەسى ئەڭ قىزىقىش قوزغىماقتا.

ۋەھالەنكى قازاقلارنىڭ 80 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىشلەتكەن رۇس ھەرپىدىن ۋاز كېچىپ، لاتىنچىغا كۆچۈشى، ھەتتا تۈرك ئېلىپبەسىنى قوللىنىش ئېھتىماللىقى رۇسىيە سىياسىيونلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.