نازاربايېف قازاق تىلىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشى ھەققىدىكى پەرمانغا ئىمزا قويغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.10.28

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 27-ئۆكتەبىر كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاق تىلىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشى ھەققىدىكى پەرمانغا ئىمزا قويغان.

مەزكۇر پەرماندا قازاقىستان مىللىي كومىسسىيىسىنىڭ 2025-يىلىغىچە تەدرىجىي ھالدا قازاقلارنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشىنى تاماملايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قازاقىستاننىڭ رۇس تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك بىر بەلگىسى، دەپ قارىماقتا.

1929-يىلى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يېزىقىنى مەجبۇرىي ھالدا ئەسلىدىكى ئەرەب ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈرگەن. 1940-يىلىغا كەلگەندە لاتىن يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، رۇس ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كىرىل يېزىقىغا كۆچۈرگەن. قازاقىستان كىرىل يېزىقىنى توپ-توغرا 80 يىل قوللانغان.

يېقىنقى يىللاردا ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن كىرىل يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ لاتىن يېزىقىغا كۆچكەن. قازاقىستاننىڭ ئالدىنقى كۈنى لاتىن يېزىقىغا رەسمىي كۆچكەنلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رۇس تەسىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، تۈركىي مەدەنىيەت گەۋدىسىگە قاراپ ئۇيۇشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.

ئالدىنقى كۈنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كىرىل يېزىقىدىن لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش ھەققىدىكى جىددىي مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.