قازاقىستان ساقچى دائىرىلىرى نامايىش ھەرىكەتلىرىنى توستى
2016.05.22
شەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئىسلاھات سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن نارازىلىق نامايىشى قىلىشقا ھەرىكەت قىلغان بىر قىسىم كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى 100 ئەتراپىدا ئادەم ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئاساسىي مەيدانغا توپلىنىپ نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنغاندا ساقچىلارنىڭ تارقىتىشىغا ئۇچرىغان ۋە قىسىم كىشىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاپتوموبىللغا سېلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن.
ئازادلىق رادوسىنىڭ خەۋەر قىشىچە، شەنبە كۈنى يەنە ئاستانا شەھىرىدىمى بايتېرەك مۇنارى يېنىدا نامايىشقا قىلىشقا ئۇرۇنغان بىر قىسىم كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان، نامايىش قىلىشقا ئۇرۇنغانلار تۇتقۇن قىلىنغاندىن سىرت يەنە ئاستانا، ئالماتا، ئاتراۋ، ئاقتۆبە، قاراغاندا، ۋە ئۇرالسك قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئازادلىق رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ھۆكۈمەتتىن دېھقانچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يەرلەرنى ساتماسلىق، بۇ يەرلەرنى چەتئەلىكلەرگە ساتماسلىق ھەم ئىجارىگە بەرمەسلىك، شۇنىڭدەك ئۆز تەلەپ - پىكىرلىرىنى ئېيتقان كىشىلەرنى تەقىبلەشنى توختىتىش ۋە باشقىلارنى تەلەپ قىلغان.
قازاقىستاننىڭ «تەڭرى خەۋەر» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى 21 - ماي كۈنى رۇخسەتسىز نامايىش تەشكىللەشكە ئۇرۇنغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.









