قازاقىستان ھۆكۈمىتى: يەر ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىشلار ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش قەستىدە تەشكىللەنگەن
2016.05.29
قازاقىستان ھۆكۈمىتى يەر ئىسلاھاتى قانۇنىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنىڭ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش قەستىدە تەشكىللەنگەنلكىنى بىلدۈرگەن.
21 - ماي قازاقىستاننىڭ ئالماتا قاتارلىق 6 چوڭ شەھەرىدە يېڭى يەر قانۇن لايىھەسىگە قارىشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن.
دائىرىلەر نەچچە ئونلىغان نامايىشچىنى قولغا ئالغان ئىدى.
ياخۇ خەۋەرلەر تورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نامايىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان دۆلەتلىك باش تەپتىش:«ئۇلارنىڭ ئاداققى نىشانى يەر قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشكە قارشى تىنچ يوسۇندا نامايىش قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي - سىياسىي مۇقىمسىزلىق يارىتىپ، مىللەتلەر ئارا زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىش ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش» دەپ جاكارلىغان.
ئۆتكەن شەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى نامايىش جەريانىدا يۈزلىگەن نامايىشچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا قازاق دائىرىلىرى قازاقىستاننىڭ يەر ئىشلىتىش قانۇنىغا بىر تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر لايىھدە بۇ چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستاندا تېرىلمىغان يەرلەرنى ئىجارىگە ئېلىشىغا يول بېرىلگەن.
بۇ قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلاردىن بىر نەچچىسى 16 - ۋە 18 - ماي كۈنلىرى قولغا ئېلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەينى چاغدا، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى 21 - ماي ئۆتكۈزۈلۈدىغان نامايىشتىن بۇرۇن ئۆكتىچىلەرنى قويۇپ بېرىشكە ھەمدە قازاقىستاندا تىنچ يوسۇندىكى نامايىشلارغا يول بېرىشكە چاقىرىغان.









