قازاقىستان باش تەپتىش ئىدارىسى تۇتقۇنلارغا جىنايى جاۋابكارلىق ئارتمايدىكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.05.29


قازاقىستان دۆلەتلىك باش تەپتىش ئىدارىسىدا 21 - ماي كۈنى قازاقىستاننىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئىسلاھاتىغا، يەنى يەرلەرنى چەتئەللىكلەرگە ئىجارىگە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بەلگىلىمىسىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغانلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە جەمئىي 51 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رەسمىي بىلدۈرگەن.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان باش تەپتىش دائىرىلىرى بۇ 51 ئادەمنىڭ ئىچىدە 12 ئادەمگە جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى، تۆت ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، قالغانلارغا سوت ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

قازاقىستان تەپتىش ئورگىنى ئالماتا،ئاستانا، قاراغاندا، ئوتراۋ ۋە باشقا شەھەرلەردە ھۆكۈمەتنىڭ يەر سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى تەشكىللەشكە ئۇرۇنۇشنى قانۇنسىز ھەرىكەت دەپ بېكىتكەن. ئەمما، رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، قازاقىستان باش تەپتىش ئورگىنى 21 - ماي كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

قازاقىستاندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.