قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاقلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك شەكىلدە تەقىپلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر ۋە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا باشلاپ، بۇنى خىتاي تەرەپنىڭ ئالدىغا قويغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا، قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى باشلىغان ئۆمەك ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گروموۋ باشچىلىقىدىكى ئۆمەك، 2-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىككى تەرەپنىڭ 25 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىقلىرىنى مەدھىيەلەشكەنلىكى ئېيتىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاقلار مەسىلىسى ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا يەرلەشكەن بىر قىسىم قازاق زىيالىيلىرى يېقىندىن بۇيان قازاقىستان پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغان ياكى قازاقىستاننىڭ تۇرۇشلۇق رۇخسەتنامىسىنى ئالغان قازاقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقى، بىر قىسىم قازاق دىنى زاتلىرى ۋە قازاق پۇقرالارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى، قازاقلارنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىشقان ئىدى. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق بۇ ئەھۋالنى خىتاي تەرەپنىڭ ئالدىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما 29-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات بېرىپ، قازاقلارنىڭ تەقىبلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە قازاقىستان تەرەپنى قازاقلار ھەققىدە چىققان مۇنداق «يالغان خەۋەرلەر» گە ئىشەنمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.

خىتاي تەرەپ قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ رۇس مىللىتىدىن كېلىپ چىققان مۇئاۋىن رەئىسى سېرگېي گروموۋ بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىرغا ئورۇنلاشتۇرغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇچرىشىشقا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن مۇدىرى مەنىن زەينۇلى، ئاپتونوم رايون مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھىسامىدىن قاتناشتۇرغان بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر، قازاق ئەمەلدارلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش تاكتىكىسىدىن ئىبارەت ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت