ئابلەت كامالوفنىڭ «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى» ناملىق يېڭى كىتابى رۇس ۋە قازاق تىللىرىدا يورۇق كۆرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.02.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكى يېقىندا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا رۇس ۋە قازاق تىللىرىدا بىرلا ۋاقىتتا نەشىر قىلىنغان.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كىتاب تەتقىقاتچى ئابلەت كامالوفنىڭ قازاقىستان پرېزىدېنتى يېنىدىكى دۆلەت باشقۇرۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىلمىي لايىھەسى دائىرىسىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

مەزكۇر كىتاب جەمئىي بەش بابتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بابى ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ۋە ئۇيغۇر-قازاق مۇناسىۋەتلىرى تارىخىغا بېغىشلانغان. ئىككىنچى بابىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتەسۇ ۋادىسىغا كۆچۈشى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 20-ئەسىردىكى تەرەققىيات تارىخى يورۇتۇلغان. قالغان ئۈچ بابى مەزكۇر كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى 20 نەچچە يىل جەريانىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشلىرى ھۆججەتلىك ۋە ئىلمىي تۈستە بايان قىلىنغان.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر كىتاب ھەققىدە ئېلان مەخسۇس خەۋىرىدە، «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى» ناملىق بۇ كىتابنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ جەريانىنى ئىلمىي جەھەتتىن چۈشىنىشتە دەسلەپكى ئۇرۇنۇش بولۇپ قالىدۇ، دېيىلگەن.

ئاپتور ئابلەت كامالوف تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ر. سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى ۋە پروفېسسورى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.