قازاقىستان ئۇيغۇر ئىلىدىكى قازاقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا قارىتا خىتايغا نوتا تاپشۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-02-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا نوتا تاپشۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا تۇتقۇن قىلىنغان ياكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىۋېلىنغان قازاق پۇقرالىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قازاقلارغا كېڭەيتىپ، قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن، قازاقىستاننىڭ يېشىل كارتىسىنى ئالغان ياكى توردا قازاقىستانغا دائىر ئۇچۇرلارنى تارقاتقان نۇرغۇن قازاقلارنى تۇتقۇن قىلغان ياكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىۋالغان.

قازاقىستاندىكى «ئاستانا خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيەسىنىڭ جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە قازاقىستاننىڭ خىتايغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق پۇقرالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە نوتا تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن قازاقىستاننىڭ نوتىنى قايسى دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق تاپشۇرغانلىقى، ئۇنى ئاستانادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ياكى بېيجىڭدىكى قازاقىستان ئەلچىخانىسى ئارقىلىق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

قازاقىستاندىكى ۋەقەدىن خەۋەردار قازاق پائالىيەتچىلىرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نوتىدا خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىنغان قازاقىستان پۇقرالىرىنى قويۇپ بەرمىسە، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ۋە باشقا جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ قازاق پۇقرالىرىغىمۇ زەربە بېرىشكە باشلىغان. 2017‏-يىلى «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «توردا قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ياكى قازاقىستاننىڭ يېشىل كارتىسىنى ئالغان نۇرغۇن قازاقلارنى جازالىغان. بۇ ئەھۋال ئۆتكەن يىلى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان «دۇنيا قازاق قۇرۇلتىيى» دا بەزى ۋەكىللەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېفنىڭ خىتاي بىلەن دەرھال سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن خىتاينىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلى يېقىندا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىدا «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت