خىتاي قازاقىستاننىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا قازاقىستان پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قازاقىستان دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ قايسىي دۆلەت كۆچمەنلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارىتىلغانلىقى ئېنىق ئىكەن. قازاقىستان كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دەرھال خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان.

قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 17‏-ئاپرېل كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇقتۇرۇشتا قەيت قىلىنىشىچە، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرىغا چېتىلغان. لېكىن ئۇنىڭدا زادى خىتاي پۇقراسىنىڭ قانۇنسىز دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

يېقىندا يىللاردا خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى مەبلىغى ۋە ئىقتىسادى پائالىيىتىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل ناملاردا قازاقىستانغا كېلىپ ياشايدىغان خىتايلار تېز كۆپەيگەن. بەزى خىتايلار يەرلىك قازاق قىزلىرى بىلەن توي قىلىپ، شۇ باھانىدە قازاقىستاننىڭ ئىقامىتىگە ئېرىشكەن. لېكىن خىتاي نوپۇسىنىڭ قازاقىستاندا تېز كۆپىيىشى قازاقلارنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان. ئۆتكەن يىلى قازاقىستاندا خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا، ئۇلارغا ئىقامەت بېرىشكە ۋە يەر سېتىپ بېرىشكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى پارتلىغان. سابىق قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدا خىتاي شىركەتلىرىگە يەر ئىجرا بېرىش پىلانىنى ۋاقىتلىق بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 17‏-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا يەنە قازاقىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ۋىزا مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا، قانۇنلۇق ۋىزا بىلەن تۇرۇشقا، ۋىزىسىز ئۆتكۈنچى يولۇچىلارنىڭ قازاقىستاندا 72 سائەت تۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىققا، كوچىغا چىققاندا رەسمىيەتلىرىنى تولۇق ئېلىپ چىقىشقا، ئۆزىنى قانۇنىي ۋاسىتىلەر بىلەن قوغداشقا چاقىرغان.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئىزچىل خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان تەشكىلات ‏- «ئاتا يۇرت» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى سېرىكجان بىلاشئوغلىنى تۇتقۇن قىلىپ ئاستانادا نەزەربەند قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت