قازاقىستان خىتايدىن قوش دۆلەت تەۋەلىكىدىكى قازاق پۇقرالىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-05-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ۋە قازاقىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قولغا ئالغان بىر تۈركۈم قازاقلارنى قويۇپ بېرىش ھەمدە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن.

«بۈگۈنكى قازاقىستان» تورىنىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارداك مادىيېۋ باشچىلىقىدىكى قازاقىستان ۋەكىللىرى گو شاۋچۇەن باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر، ھەرقايسى تەرەپ پۇقرالىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ساياھەتچىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەر تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سۆھبەت جەريانىدا قازاقىستان ۋەكىللىرى خىتايدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ۋەتەنداشلىق ئالغان قازاق پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا چېتىلىپ قالغان كىشىلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىنىپ، ئۇلارنى تېزدىن قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. خەۋەردە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ «ش ئۇ ئا ر دىكى قازاقلار مەسىلسىنى ھەل قىلىشتا ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىندى» دېيىلىدۇ.

سۆھبەت جەريانىدا يەنە ئىككى تەرەپ ساياھەتچىلىرىنىڭ ۋىزا ئىشلىرىغا قولايلىق تۇغدۇرۇش، ئايرۇدۇرۇملاردىكى ئالمىشىش جەريانىدا ۋىزا ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش توغرىسىدىمۇ مەخسۇس مۇزاكىرە بولغانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت