خىتاي ئەمەلدارلىرى قازاقىستاندىن كەلگەن «خىتاي مۇھاجىرلار ئۆمىكى» بىلەن كۆرۈشتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا بارغانسېرى زور تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىن كەلگەن «خىتاي مۇھاجىرلار ئۆمىكى» بىلەن ئۇچرىشىشى تېگىشلىك دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 14-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى جاڭ خەنخۇي رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن قازاقىستان «خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى» بىلەن كۆرۈشكەن. شۇ كۈنى يەنە خىتاينىڭ مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تەن تيەنشىڭ بۇ ئۆمەك بىلەن كۆرۈشكەن ۋە سۆھبەتتە بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەن تيەنشىڭ ئالدى بىلەن بۇ «خىتاي مۇھاجىرلىرى» نىڭ قازاقىستان ئۈچۈن قوشقان ھەر خىل تۆھپىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلاردىن «خىتاي-قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئەلچىسى بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىجراچىلىرى بولۇش، ‹بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى› نىڭ ئىشتىراكچىلىرى بولۇش» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە بۇ ئۆمەكتىكىلەرنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ئېيتىلمىغان بولۇپ، ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ قازاق ۋە ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم ۋاسىتىسى بولغان لاگېرلار مەسىلىسى قازاقىستانغا قېچىپ چىققان بىر قىسىم گۇۋاھچىلار ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىن قازاقىستانغا بېرىپ ماكانلىشىپ قالغان ئاتالمىش «خىتاي مۇھاجىرلىرى» نى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنۇشى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

يەنە بەزىلەر بولسا بۇ ۋەقەنىڭ يېقىندا قازاقىستان سوتى خىتايغا قايتۇرماسلىقنى قارار قىلغان سايراگۈل بىلەن باغلىنىشى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، شۇنىڭدەك سايراگۈلنىڭ لاگېرلار ھەققىدە ئارتۇقچە سۆز قىلماسلىقىغا بېرىلگەن بېشارەت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت