شى ۋە نازاربايېف ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىرلەشمە خىتابنامە ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-09-08
Share

جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - سېنتەبىر كۈنى رۇسىيىنىڭ سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنىدىن كېيىن قازاقىستانغا قاراتقان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلاپ، ئاستانادا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن 7 - سېنتەبىر كۈنى «قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تېخمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىرلەشمە خىتابنامىسى» نى ئىمزالىدى.

قازاقىستاننىڭ «تەڭرى» خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، شى جىنپىڭ يەنە ئاستانادىكى نازاربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ھالدا يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋىقى قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ھەم سۆزىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى قازاقىستان ئاگېنتلىقلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكىتلەندى.

قازاقىستان بىلەن جۇڭگو رەھبەرلىرى ئىمزا قويغان بۇ يېڭى خىتابنامىدە ئىككى دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئىككى دۆلەتنىڭ بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئىككى دۆلەت يەنە بىر قېتىم ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بىر - بىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

قازاقىستاندىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر سىياسىيونىنڭ ئېيتىشىچە، بىرلەشمە خىتابنامىدىكى مەزكۇر مەزمۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان تۇپرىقىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەتلىرىگە قويۇلغان توساقتىن ئىبارەتتۇر.

شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىم يەنە قازاقىستان باش مىنىستىرى ئەخمەتوف ۋە پارلامېنت باشلىقى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن سۆزلەشكەن.

ئۇ نازاربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سۆزىدە قازاق شائىرى ئاباينىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئالغان ھەم قازاق خەلقىنى ۋە قازاقىستان - خىتاي دوستلۇقىنى مەدھىيىلەيدىغان جۈملىلەرنى كۆپ ئىشلەتكەن.

شى جىنپىڭ ئاستانا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەندە نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆزى ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت