قازاقىستان ئىككى نەپەر قازاق سىياسى پاناھلىق ئىلتىجاچىسىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.12.06

قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى 6‏-دېكابىر كۈنى قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ سىياسى پاناھلىق سورىغان ئىككى نەپەر قازاق سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاچىسىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنىر ئېلان قىلغان.

كاستېر مۇساخان ۋە مۇراغېر ئالىم ئولى ئىسىملىك ئىككى قازاق سىياسى ئىلتىجاچىسى يېقىندا ۋىدىيودا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈپ قازاقىستانغا قېچىپ چىققانلىقى، قازاقىستاننىڭ ئۆزلىرىگە سىياسى پاناھلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي دائىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشى ۋە قىيىن-قىستاقلىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. لېكىن، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دارخان دىلمانوف جۈمە كۈنى يۇتۇب قانىلىدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان سوتتىن كېيىن، بۇ ئىككەيلەننىڭ قازاقىستاندا «قېلىش مۇمكىنچىلىكى يوق» دېگەن. 

ئەگەر قازاقىستان بۇ ئىككەيلەننى خىتايغا راست ئۆتكۈزۈپ بەرسە، بۇ، ئۇلارنىڭ قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ پاناھلىق سورىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق يەرلىك مىللەتلەرنى تۇنجى قېتىم خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بولمايدۇ. قازاقىستان 1990-يىللاردىن بېرى نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ كەلگەن. پەقەت خىتاينىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا قازاقلارمۇ تۇتقۇنغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ سەپكە ئۇلارمۇ قېتىلىشقا باشلىغان. ئىلگىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاقىستانغا قېچىپ چىققان سايراگۈل سائۇتباي ئىسىملىك بىر لاگېر تەربىيىئەچىسى قازاق ئايالنى چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلەپ سوتلىغان. گەرچە سائۇتباي سايراگۈل قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستان ئۇنىڭغا سىياسى پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغان. ئاخىرى، ئۇنىڭغا بۇ يىل شۋېتسىيە سىياسىي پاناھلىق بەرگەنىدى. 

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، دارخان دىلمانوف كاستېر مۇساخان ۋە مۇراغېر ئالىم ئولى ھەققىدە يەنە «بۇ ئەھۋالدا بىز ئۇلارنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز» دېگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى باشقا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەلىكىدىكى «ھەرقانداق بىر يەرلىك مىللەت مۇساپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك» كە چاقىرىپ كەلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.