كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-10-15
Share

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە باشچىلىقىدىكى، «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى» 16-ئۆكتەبىردىن 20-ئۆكتەبىر كۈنىگىچە قازاقىستاندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە تەرەددۇت قىلماقتا.

قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يېقىن «ئىلىيسكىي» دەپ ئاتالغان ھەربىي بازىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر «بۇزۇلماس قېرىنداشلىق-2017» دەپ ئاتالغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا رۇسىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئەرمېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان قوشۇنلىرى مانېۋىر مەيدانىغا كېلىپ بولغان.

بۇ قېتىمقى مانېۋىر قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، تۇنجى قېتىم ھاكىمىيەت تىنچ يول بىلەن باشقا بىر پرېزىدېنتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ۋەزىيىتىگە توغرا كەلگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇسىيە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادى گەۋدىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار رامكىسى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي-سىياسىي ھەمكارلىقلارنى ئاشۇرۇشقا كىرىشمەكتە. 

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەزكۇر بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى يەنە خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە قوشنا ئۇيغۇر دىيارىدا «مۇقىملىقنى كۈچەيتىش»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى، دائىم ھەربىي مانېۋىر ۋە ھەيۋە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشلىرىغىمۇ توغرا كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت