قازاقىستان سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن قازاق ئايالنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشقا بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستاندىكى بىر سوت مەھكىمىسى 23‏-دېكابىر كۈنى قارار چىقىرىپ، چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش بىلەن ئەيلىنىپ سوتلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىلىق بىر قازاق ئايالنىڭ خىتايغا قاتۇرۇلۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

قايشە ئاقان 2018‏-يىلى 5‏-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇنى لاگېرغا قامايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقى سەۋەبلىك قازاقىستانغا قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن قازاقىستان دائىرىلىرى ئۇنى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا تارتقان. ئۇ 2018‏-يىلى11‏-ئايدىن باشلاپ سوتلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

«ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستاننىڭ ياركەنت ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى 23‏-دېكابىر كۈنى سوت ئېچىپ قايشە ئاقاننى خىتايغا قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بېرىلگەن 6 ئايلىق قاماق جازاسىنى توختىتىپ، ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئائىلىسى بىلەن بىرگە تۇرۇشىغا يول قويۇشنى قارار قىلغان. قايشە ئاقان سوتتا ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ كەلگەنلىكىنى، خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر قايتۇرۇلسام جازالىنىشىم مۇمكىن» دېگەن.

«ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى قارارنى چىقىرىشتىن سەل بۇرۇن تەپتىش ئەمەلدارى ئارزۇگۈل ئىمياروۋامۇ سوتنىڭ قارارىغا ئوخشاش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. قايشە ئاقان قازاقىستان سوتى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە قارار چىقارغان تۇنجى كىشى ئەمەس. 2018‏-يىلى 8‏-ئايدا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستتىكى بىر سوت مەھكىمىسى قازاق لاگېر شاھىتى سايراگۈل سائۇتباينى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە قارار چىقارغان، ئەمما ئۇنىڭغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت