قازاقىستاننىڭ تاشقى قەرزى 168 مىليارد دوللارغا ئۆسكەن

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.11.26

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز كېتىۋاتقان قازاقىستاننىڭ تاشقى قەرزى داۋاملىق ئۆسۈپ، 168 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

قازاقىستاننىڭ «زاكونا.كز» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا قازاقىستاننىڭ تاشقى قەرزى تېز كۆپىيىپ 168 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 13. 2 مىليارد دوللار قازاقىستان ھۆكۈمەت ساھەسىنىڭ تاشقى قەرزى بولۇپ، قالغانلىرى، بانكا، شىركەت ۋە باشقىلارغا مەنسۇپ ئىكەن. ئەمما، قازاقىستاننىڭ تاشقى قەرزلىرى، 2014-يىلى، 2015-يىلىدىكىگە قارىغاندا تېز ئۆسكەن ئىكەن بولۇپ، قازاقىستاننىڭ خىتايغا بوغۇلغان قەرزىلا يەتتە ھەسسە ئاشقان ئىكەن. 

رۇسىيەنىڭ «رېگنۇم تورى» دا ئېلان قىلىنغان لاززات شىبۇتوۋانىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە، قازاقىستان تاشقى قەرزى 165 مىليارد بولغان ئىدى. قازاقىستاننىڭ خىتايغا بوغۇلغان قەرزىمۇ كۆپىيىپ يەتتە ھەسسە ئاشقان ۋە خىتاينىڭ قازاقىستان قەرز تۆلەشكە تېگىشلىك ئورنى تۆتىنچىگە ئۆتكەن. بىراق، قازاقىستان قەرزگە ئەڭ كوپ بوغۇلغان دۆلەتلەر ئىچىدە گوللاندىيە بىرىنچى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىككىنچى، ئەنگلىيە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. قازاقىستاننىڭ خىتايغا تۆلەشكە تېگىشلىك قەرزى 12 مىليارد 180 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، كۆپلىگەن ئىقتىسادشۇناسلار ۋە ئۆكتىچىلەر خىتاي قەرزىنىڭ تېز ئۆسۈشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

قازاقىستاننىڭ كونا ئىتتىپاقچىسى بولغان رۇسىيەنىڭ قازاقىستاننى قەرزدار قىلىش ئورنى تۆۋەنلەپ، يەتتىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ رىقابەتتە رۇسىيە خىتاينىڭ كۆپ ئارقىسىدا قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.