خىتاي «مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.07.25

«جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىدىن قىممەتلىك نەمۇنىلەر ۋە ئۇنى قوغداش» دەپ نام بېرىلگەن چوڭ تىپتىكى قەدىمكى ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى «چاغاتاي-17» دەپ نومۇر بېرىلگەن بىر پارچە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازما ئەسىرىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش بىلەن باشلانغان ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان 142 پارچە قەدىمكى ئەسەر بىلەن قەدىمكى تاڭغۇت، ئۇدۇن، سوغدى، قەدىمكى ئۇيغۇر، موڭغۇل، دوڭبا، كورېيان، شېۋە، مانجۇ ۋە قازاق تىل-يېزىقلىرىدىكى 600 پارچىدىن ئارتۇق قوليازما ئەسەر كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەدىمكى ئەسەرلەرنىڭ ئەتكەسچىلەر تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىلىشى ياكى سېتىۋېتىلىشىدەك ھادىسىلەر كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى كۈچلۈك ئىنكاسلار ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرمۇ دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى تۈپەيلى تارىخ ۋە دىنغا دائىر بىر قىسىم تۈركىي تىل-يېزىقىدىكى قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.