ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشتاتلىق تەپتىشلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا كوللېكتىپ قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي ئۆزىنىڭ بىر قانۇنىي دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن بۇ يىلدىن باشلاپ ھاكىمىيەت ئوتگانلىرىدىكى ئەمەلدارلىرىنى «خىتاي ئاساسىي قانۇنى» ئالدىدا قەسەم بېرىشكە تەشكىللىگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا خىتاي باش مىنىستېرى لى كېچياڭ خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىدىكى يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى «خىتاي ئاساسىي قانۇنى» ئالدىدا قەسەم بېرىشكە ئۇيۇشتۇرغان.

شۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەمەلدارلار «خىتاي ئاساسىي قانۇنى» ئالدىدا كوللېكتىپ قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

خەلق تورىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشتاتلىق تەپتىشلەرنىڭ «خىتاي ئاساسىي قانۇنى» ئالدىدا كوللېكتىپ قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 120 تەپتىش ئورگىنىدا بۇ مۇراسىم بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتايدا سوت ياكى تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىدىغان مۇستەقىل ئورگانلار ئەمەس، ئۇلار ھەرۋاقىت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەپتىشلەرنىڭ «خىتاي ئاساسىي قانۇنى» ئالدىدا قەسەم بېرىشى تاشقىي دۇنياغا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بىر ساختا كۆرۈنۈش ياكى شەكىلدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت