سىياسىي قانۇن سېپىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قەسەم بەرگۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.04.22

خىتاي دائىرىلىرى سىياسىي قانۇن سېپىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارىشى قەسەم بەرگىنى سالغان.

قەسەم بېرىش مۇراسىمىنى 20-ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى ئوفىتسېرلار ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى جۇ خەيلۈننىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان مەخسۇس ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە داڭلىق شەخسلىرىنى ئاساس قىلىپ ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا چاقىرىق ئېلان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

مەزكۇر يىغىندىمۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان قانۇن سېپىدىكى ئاتالمىش «ئىلغارلار» قەسەم بەرگەن.

يىغىندا بۇلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتى قانۇن ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى مۇدىرى نەبىجان ئىبراھىم «ئاپتونوم رايونىدىكى 100 نەپەر ئىلغار سىياسىي قانۇن كادىرىنىڭ بىرلەشمە ئىمزالىق خېتى» نى ئوقۇپ ئۆتكەن.

خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «سىياسىي قانۇن سېپىدىكى خادىم-ساقچىلار بىرلەشمە ئوچۇق خەت ئارقىلىق ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارىشى ئومۇمىي يۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلدى.»

يىغىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ چاڭجىيې «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككىيۈزلىمىچىلەر» گە جەڭ ئېلان قىلىشىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ئابلەت مەمەت قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان.

شۆھرەت زاكىر خېتىدە ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئۇچ خىل كۈچلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ، جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.

شۆھرەت زاكىرنىڭ ئوچۇق خېتىگە ئىنكاس قايتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىس رابىيە قادىر خانىم: «قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ بايانلىرىنىڭ ئۆزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.