قەشقەردە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مائارىپنى كۈچەيتىش تەكلىپى بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.03.13

«خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى» دىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قەشقەردىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختالغاندا «قەشقەردە مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن مائارىپنى كۈچلەندۈرۈش كېرەك»، دېگەن تەكلىپنى بەرگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، كۆپ مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ياشلار دىنى رادىكالىزىمچىلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان ماتېرىياللارنى ئوقۇپ ۋە كۆرۈپ، بۇرمىلانغان نەرسىلەرگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىدىكەن. شۇڭا قەشقەردە مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن چوقۇم مائارىپنى كۈچلەندۈرۈش كېرەك ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق ۋەقەنى دىنى رادىكالىزىملىق ۋە تېررورلۇق بىلەن باغلاپ كەلدى. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇنى پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايدۇ.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت قەشقەر ۋىلايىتى باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇلنىڭ مائارىپنى كۈچەيتىش تەكلىپىنىڭ ياخشى بىر تەكلىپ ئىكەنلىكى، ئەمما مائارىپنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن سەۋەبنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىق يارىتىۋاتقان ھەقىقىي ئەھۋاللارنى يوشۇرىدىغان ھەم خەلقنىڭ دەردىنى سۆزلەشتىن باش تارتىدىغان ۋەكىللەرنىڭ «خەلق ۋەكىلى» بولۇش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى ھازىر 63 پىرسەنت بولۇپ، مۇتەللىپ ئوبۇل 2015-يىلىغىچە بۇ نىسبەتنى 90 پىرسەنتكە چىقىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.