قەشقەر-ئىستانبۇل ھاۋا يولى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.09.21

ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنىدىغان «ياۋروپا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان پېگاسۇس ھاۋا يوللىرى شىركىتى 19-سېنتەبىر كۈنى ئىستانبۇل بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ھاۋا يولىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. مەزكۇر ھاۋا قاتناش لىنىيەسىدە كۈندە بىر ئايروپىلان ئۇچىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھاۋا يولى قاتنىشى ئىستانبۇلدىن قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەككە، ئاندىن بۇ جايدىن قەشقەرگە تۇتىشىدىكەن. قىرغىزىستاندىكى «ماناس ھاۋا يوللىرى » شىركىتى مەزكۇر لىنىيەنىڭ بىشكەكتىن قەشقەرگىچە بولغان مۇساپىسىگە ئۇچىدىغان بولۇپ، پېگاسۇس شىركىتى مەزكۇر شىركەتنىڭ 49% پايچېكىنى سېتىۋالغان ئىكەن.

تۈركىيەدىكى پېگاسۇس شىركىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ ئەرزانلىقى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، بۇ يېڭى ھاۋا يولىدا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلىتى ھازىر سېتىلىۋېتىپتۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.