قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇشى جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-06-30
Share

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇشى جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇلغۇسى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەسلىدىكى قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇلىدىكەن، ئەمما ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاساسلىق مەكتەپ رايونى خەنزۇ كۆچمەن ئاھالىلىرى تېزلىكتە يەرلەشتۈرۈلۈۋاتقان قەشقەر شېنجېن تەرەققىيات رايونىغا كۆچۈرۈلىدىكەن.

دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا 230 مىليون سوم مەبلەغ ئاجرىتىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە 30 مىليون سوم مەبلەغ سېلىنىپ 100 يۈرۈش ئولتۇراق ئۆي سېلىنغان.

قۇرۇلغۇسى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەسلىدىكى قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېداگوگىكا خاراكتېرىگە ئوخشىمىغان ھالدا كۆپ خىل پەن ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپكە تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىدىكى زور مەبلەغ سېلىنغان ئوقۇتقۇچىلار قوشونىغا «قان يېڭىلاش» پىلانى ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور كۆلەمدە ئاتالمىش «ئىختىساس ئىگىلىرى» نى جەلپ قىلىشنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت