قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەخسۇس پاكىستاننى تەتقىق قىلىدىغان مەركەز قۇردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.05.29


تېخى ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەخسۇس ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنى تەتقىق قىلىدىغان مەركەزلەرنى تەسىس قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تېخى يېقىندا مەخسۇس پاكىستان تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغان. ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان تەتقىقات مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن بىر يىل ئەتراپىدا تەييارلىق قىلىنغان .

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى پاكىستان تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاساسلىقى ۋەزىپىسى پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي، تارىخىي، مەدەنىيىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

مەلۇمكى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى 2015 - يىلى 6 - ئايدا رەسمى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىدى. مەزكۇر ئىنىستىتۇت 1978 - يىلى ئەسلىدىكى قەشقەر پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىنىستىتۇت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان، مىللىيلىك خاراكتېرىغا ئىگە ئالىي مەكتەپ ئىدى.

«خەلق تورى»نىڭ خەۋرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئەمەلدارى مەزكۇر پاكىستان تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇشتىكى تۈپ مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر مەركەزنىڭ خىتاي - پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى تەتقىق قىلىدىغان ئورگانلار مەۋجۇت بولۇپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قەشقەرنىڭ پاكىستان بىلەن چېگرىداش بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ؛ مەزكۇر مەركەزنى قۇرغان ئىكەن.

نۆۋەتتە، خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي، پاكىستان بىلەن ئىقتىسادىي كارىدور قۇرۇش ئارقىلىق ھىندى - ئوكيان رايونىغا چىقىشتىكى ئەڭ قولايلىق يولغا ئېرىشكەن، قەشقەرنىڭ خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ھىندى ئوكيان رايونىغا چىقىشىدا مۇھىم ئۆتكەللىك رولىنى ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.