قەشقەردە بۇلتۇر 148 قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان
2015.01.28
2014 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش «بىر يىلغا سوزۇلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى»دە قەشقەر قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋىلايەتلەر نۇقتا قىلىپ تۇتۇلغان. پەقەت قەشقەر ۋىلايىتىدىلا 148 قېتىم «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىلغان.
ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - ئوموميىغىنىدا پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن 2014 - يىلىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ھەققىدە خۇلاسە سۆزى قىلغان. ئۇ سۆزىدە قەشقەردە بۇلتۇر 148 قېتىم قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى نەقىل ئالغان ۋە 2015 - يىلىمۇ «تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى بىر گەۋدە قىلغان ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەن.
خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىمۇ قەشقەردە بۇلتۇر ئېلىپ بېرىلغان «قاتتىق زەربە بېرىش» تىلغا ئېلىنىپ، «ساقچىلار رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تەھدىت سالغان ئۇنسۇرلارغا قارشى 148 قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ باردى» دېيىلدى.
ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدىكى ھەرىكەتلەردە تۇتقۇن قىلىنغانلار 2014 - يىلى 20 مىڭدىن ئاشقان. ئۆتكەن ھەپتە دائىرىلەر ئۆزى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نىشان ئىبراھىمنىڭ 22 - يانۋار پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، «تەپتىش دائىرىلىرى 2014 - يىلى جىنايى گۇمان بىلەن 27164 ئادەمنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان»لىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.